باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

‐‐‐ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2018.09.18 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە تەشكىلاتى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئارمىيە، ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرىدا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىن چىقىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بولسا، مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى گەۋدىلىك ھالدا تەكىتلىدى، ھەمدە پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ۋە خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشقا توغرا سىياسىي يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بولسا، مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر. 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا روشەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب شۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكچى بولساق، چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپنىڭ بۇ خىل تەرەققىيات يولىدا مۇستەھكەم مېڭىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر