9- ئاينىڭ 17- كۈنى، جۇخەي جىيۇجوۋ چوڭ يولى ئەتراپىدىكى بىر سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كەتكەن ۋە دەل-دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ھازىر بۇ خەتەرلىك ئەھۋاللار كېچىلەپ بىر تەرەپ قىلىندى، ھەمدە ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى «ماڭخۇت»نىڭ گۇاڭدۇڭ جۇخەي شەھرىگە بولغان تەسىرى پەيدىنپەي ئاجىزلىماقتا ئىدى، ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، نۇرغۇن كارخانىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن بۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى، يول قاتنىشى، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، توك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلار تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى