- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ سۇيىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەپتىش تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى
2018.09.13 15:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 12- كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ سۇيىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ سۇيىڭ 2008- يىلى 9- ئايدىن 2012- يىلى 10- ئايغىچە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 2012- يىلى 10- ئايدىن 2015- يىلى 1- ئايغىچە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان، 2015- يىلى 1- ئايدىن 2017- يىلى 5- ئايغىچە جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر