خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە: 9- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 19دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خەنجۇڭ شەھىرى نىڭچياڭ ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 32.75 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 105.69 گىرادۇس) 5.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى