باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى: چاڭشېڭ بىيوۋاكسىنا دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك

دېلوغا چېتىشلىق 15 كىشى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى

2018.07.26 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جىلىن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: چاڭچۈن چاڭشېڭ بىيو-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋاكسىنا ۋەقەسىگە چېتىلغان جاۋابكارلارنى قانۇن-ئىنتىزام بويىچە ۋە خىزمەت فۇنكسىيەسى بويىچە قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدىكەن.

  نۆۋەتتە، تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىلىپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەت چىڭ تۇتۇلدى: بىرىنچىسى، شىركەت ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلىدىغان يىپ ئۇچى ۋە ئەرزىيەت پاش قىلىش ماتېرىيالى رەتلەپ چىقىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىككىنچىسى، ئۆلكىلىك يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە چاڭچۈن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئاساسىدا، جاۋابكارلىقنى ئېنىقلاپ، ئۆلكە ۋە شەھەرلىك يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلىرىنىڭ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىسى ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇلدى. ئۈچىنچىسى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شىركەتلەرنىڭ تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان چىرىكلىك مەسىلىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى ۋە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى.

  24- ئىيۇل، چاڭچۈن چاڭشېڭ بىيو-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گاۋ موۋفاڭ قاتارلىق 15 كىشى جىنايى ئىشلار دېلوسىغا چېتىشلىق بولغاچقا، چاڭچۈن يېڭى رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇنغا ئاساسەن ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللىنىلدى. ھازىر دېلوغا ئالاقىدار خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر