باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامانلىق جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋىپكە سۈكۈت قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ

خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ساھە بىخەتەرلىك چوڭ تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى

2018.07.25 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «خەلق ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامانلىق جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋىپكە قەتئىي يول قويماسلىق» تەلىپىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تارقاتقان «ساھە بىخەتەرلىك چوڭ تەكشۈرۈشىنى دەرھال قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش » دېيىلىدۇ)تا، 7-ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ ئاخىرغىچە پۈتۈن ساھە بويىچە ئۈچ ئايلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان.

  بۇ قېتىمقى ساھە بىخەتەرلىك چوڭ تەكشۈرۈشى ساھەلەردىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىجرا قىلىدىغان بارلىق ئورۇنلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا، تەشكىلىي رەھبەرلىك، خىزمەت ئىستىلى، مائارىپ تەربىيەسى، ئىجرا قىلىش كونتروللىقى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىدىكەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا دېيىلىشىچە، ھەرقايسى كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى تۈزىتىش ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جايلاردىكى باشقۇرۇش ئىدارىلىرى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جايلاردىكى باشقۇرۇش ئىدارىلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى تەكشۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، خىزمەتلەرنى كونكرېت تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جايلاردىكى باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تەكشۈرۈش ـ يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىمالىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇب رايونلىرىغا بېرىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جايلاردىكى باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شېنجېن ئاۋىياتسىيەسى ۋە شىزاڭ ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئورۇنلاردا نۇقتىلىق ھالدا تەكشۈرۈش قىلىشنىڭ ئىنسپېكتورلۇق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ باشقا رايونلارغىمۇ ئىنسپېكتورلۇق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر