باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ كېلىشىم بېجى نىسبىتى تەڭشىلىدۇ

2018.06.28 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 27- ئىيۇن مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2018- يىلى 1- ئىيۇلدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئەسلىدە بېنگال، ھىندىستان، لائوس، كورېيە ۋە سىرى لانكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلىپ، شۇ دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قارىتا، «‹ئاسىيا - تىنچ ئوكيان سودا كېلىشىمى› 2- تۈزىتىش لايىھەسى»دىكى كېلىشىملىك باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويىدىكەن. بۇ بەلگىلىمە 8549 تۈرلۈك باج ئېلىش ئوبيېكتىغا چېتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 2323 تۈرلۈك باج ئېلىش ئوبيېكتىدىكى تاۋارلارنىڭ باج نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن.

  بۇ قېتىمقى تەڭشەشكە چېتىلىدىغان باج ئېلىش ئوبيېكتلىرى ئىچىدىكى كۆپ قىسىم تاۋارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغان كېلىشىم باج نىسبىتى ئۆزگەرمەيدىكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇنى 2017- يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2323 تۈرلۈك باج ئېلىش ئوبيېكتىدىكى تاۋارلار، مەسىلەن، قىسمەن خىمىيە سانائىتى بۇيۇملىرى ۋە ئوپتىكىلىق ئېلېمېنت قاتارلىقلاردىن ئېلىنىدىغان باج نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، بۇ ئارقىلىق ئىمپورتنى كېڭەيتىشنىڭ ئاكتىپ سىگنالى قويۇپ بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر