- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى
2018.01.11 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمىتى يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. پەن-تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش، ھالقىشنى تېزلىتىپ، تارىخىي، ئومۇمىي، ئەندىزە خاراكتېرلىك مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇردى، چوڭ-چوڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كېلىپ، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىمىز زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، ئېلىمىز دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى.
ۋەن گاڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: 2017-يىلى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ R&D (تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىياتى) چىقىمى تەخمىنەن 1 ترىللىئون 760 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن %70.9 ئاشتى؛ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ R&D چىقىمىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %2.15 بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ %2.1 لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئىلمىي ماقالە ئومۇمىي مىقدارى 2012-يىلىدىكىدىن %70 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى؛ خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىدا تۇنجى قېتىم گېرمانىيە، ئەنگلىيەدىن ھالقىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى. كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماسى مىقدارى ۋە ھوقۇق بېرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا، ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىنىڭ ساقلىنىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 3-ئورۇنغا ئۆتتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر