باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسى تارىخىي ھەققانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك، ياپونىيە تەرەپنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى

2018.01.11 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 10-يانۋار مۇنداق دېدى: ياپونىيە تەرەپنىڭ ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە توغرا قارىشىنى، مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن «ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى كاڭ جىڭخې 9-يانۋار، كورېيە-ياپونىيە ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان «كورېيە-ياپونىيە ھال سورىغۇچى ئاياللار كېلىشىمى» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلالمايدۇ، دەپ بىلدۈردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  لۇكاڭ مۇنداق دېدى: «ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ئىزچىل ۋە ئېنىق، ياپونىيە تەرەپنىڭ ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە توغرا قارىشىنى، مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن «ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. «بۇ ياپونىيەنىڭ ئوبراز مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى تارىخىي ئادالەتكە مۇناسىۋەتلىك».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر