باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتى ئىنگلىزچە تېرمىنالى رەسمىي ئېچىۋىتىلدى

2017.10.16 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، 15- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، خەلق گېزىتى ئىنگلىزچە ئابۇنتلار تېرمىنالىنى ئېچىۋېتىش مۇراسىمى خەلق گېزىتخانىسىنىڭ يېڭى ئاخبارات بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئىلىم ساھەسى دېگەندەك ئورگان ۋە ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئەلچىخانىلارنىڭ ئەلچىلىرىدىن ئىبارەت 100 نەپەر مېھمان شۇ كۈنكى ئېچىۋېتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەلق گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ ئىنگلىزچە ئابۇنتلار تېرمىنالىنى تورغا چىقىرىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق گېزىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى-تاشقى تەشۋىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى تەشۋىقات ۋە خەلقئارالىق تارقىتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خەلق گېزىتى ئابۇنتلار تېرمىنالى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ توردىن چۈشۈرۈلۈش مىقدارى 200 مىليوندىن ئاشقان. خەلق گېزىتى ئىنگلىزچە ئابۇنتلار تېرمىنالىنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىگە ماسلىشىپ، تاشقى تەشۋىقات ۋە خەلقئارالىق تارقىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان يەنە بىر ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ھېسابلىنىدۇ. خەلق گېزىتى ئىنگلىزچە ئابۇنتلار تېرمىنالىنى شۇنداق بىر سەۋىيەدە بەرپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەككى، ئۇ، يېتەكچىلىكى توغرا، مەزمۇنى سۈپەتلىك، تېخنىكىسى ئىلغار ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان، ھەمدە ئىنگلىز تىللىق ئابۇنتلارنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇيۇشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان بىر كۆچمە ئىنتېرنېت تورى سۈپىتىدىكى تاشقى تەشۋىقات سۇپىسىغا ئايلانسۇن. ھەمدە بىز بۇنى يەنە بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، بۇنىڭ ۋاسىتىسىدە 19- قۇرۇلتاينى تەشۋىق قىلىشقا تېزدىن ئاتلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازى ۋە جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يېڭى پىلانلىرىنى دۇنياغا يەتكۈزۈشىمىز، ھەمدە ئۇنى يەنە بىر توشۇغۇچى قىلىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ يېڭى قىياپىتىنى سىرتقا تېخىمۇ ياخشى خەۋەر قىلىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشى جۇڭگو ھېكايىسى ۋە جۇڭگو ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىتىشىمىز كېرەك.

  مەزكۇر تېرمىنالنى تورغا چىقىرىش مۇراسىمىدا، خەلق گېزىتى ئاكتىپ ھالدا مەركىزىي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسى ۋە بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشۈپ، خەلق گېزىتى ئىنگلىزچە ئابۇنتلار تېرمىنالى ئۈستىدىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشتى. مەزكۇر ئىنگلىزچە ئابۇنتلار تېرمىنالى ئىشلىتىلگەندە، ئۇ سىستېما ئۆزىنىڭ «مۇلازىمەت» ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، شۇ ئارقىلىق، ھەر قايسى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ئابۇنتلارنى كونسۇل ۋە مەدەنىيەت ئىشىلىرىغا ئائىت مۇلازىمەتلەر دېگەندەك كۆپ ساھەلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر