باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتىكەن 4 يۈز شەھەرگە ئەقىل مېڭىسى ئورناتتى

2017.09.18 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 16-سېنتەبىر گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى لوڭگاڭ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش ۋە ئورنىنى بېكىتىش مۇلازىمىتى يىللىق يىغىنى شۇنداقلا تۇنجى نۆۋەتلىك سۈنئىي ھەمراھنى ئەمەلىي قوللىنىش خەلقئارا كۆرگەزمىسىدىن ئۇقۇشىچە ئېلىمىزنىڭ يەتىكەن سۈنئىي ھەمرىيى يول باشلاش سىستېمىسى ھازىر شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئىجابىي رول ئويناۋېتىپتۇ، شەھەر يېقىلغۇ گازى، شەھەر بازارلارنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، ئېلېكتىر كۈچى ئېلېكتىر تورى، پاراسەتلىك قاتناش قاتارلىق كەسىپلەردىكى ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىرغىچە يەتىكەن سىستېمىسى مەملىكەت بويىچە 400 نەچچە شەھەرنى يەتىكەن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، پاراسەتلىك شەھەر ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ سەرخىللىشىشى ۋە مۇكەممەللىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، يۈز شەھەرنى تۇتاشتۇرۇش، يۈز شەھەردە ئىشلىتىشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغان.

  نۆۋەتتە يەتىكەن 3-نومۇر يەر شارى سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشقا باشلىدى، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يەر شارىنى تورلاشتۇرۇش سۈنئىي ھەمراھىدىن تۆتى قويۇپ بېرىلىپ، 2020-يىلغا بارغاندا پۈتۈن يەر شارىنى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش پىلانلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر