باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاڭجياڭ دەرياسى سۇ مەنبەسىدىكى جايلارنىڭ مۇھىت مەسىلىسىدىكى 61 مەسىلە تېخى ھەل قىلىنمىدى

2017.09.18 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇ ئايدا چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى قىسمەن ئۆلكىلەردە سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەخسۇس تۈرى بويىچە نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇردى. بۇ 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىلگىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدىكى جايلارنىڭ مۇھىت مەسىلىسى تېخىچە ھەل قىلىنمىغان ئىدى.

  ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى 11 ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئىچىملىك سۇ مەنبەسى جايلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئاسراش قانۇن ئىجراسى مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىتقا ئالاقىدار 490 مەسىلىنى بايقىدى؛ 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇنىڭ ئىچىدىكى 429 مەسىلىگە قارىتا ئېنىقلاپ تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ يىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر 61 مەسىلە تېخى ھەل قىلىنمىدى، ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، سىچۈەن ، گۈيجۇ ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىنىڭ ئومۇمي ئىلگىرىلەش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى، لېكىن ئەنخۇي، جياڭشى ، خۇبېي ۋە يۈننەن قاتارلىق تۆت ئۆلكىنىڭ ئۈنۈمى يېتەرلىك ئەمەس، ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، لېكىن يېتەرلىك ئەمەس.

  ھازىر مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى نۇقتا قىلىپ، بىر ئايلىق سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەخسۇس تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇردى. ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇقتىلىق مەزمۇننىڭ بىرى. كېيىنكى باسقۇچتا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردىكى مەركەزلىك ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئاسراش قانۇن ئىجراسى مەخسۇس تۈرلۈك ھەرىكىتى ئاساسىدا ناھىيە دەرىجىلىك ، بازار دەرىجىلىك ئورۇنلارنى مەركەزلىك ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسى مەخسۇس ھەرىكىتىگە تەشكىللەپ، ئىچىملىك سۇنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر