باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەن ئۆلكىسى ساياھەت بازىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان 22 بەلگىلىمىنى يولغا قويدى

2017.04.17 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈننەن ئۆلكىسى 15-ئاپرېل «يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى رەتكە سېلىش خىزمەت تەدبىرى»نى رەسمىي يولغا قويۇپ، ساياھەت بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، يۈننەننىڭ ساياھەت ماركا ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەشكە بەل باغلىدى.

  بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان «رەتكە سېلىش تەدبىرلىرى» ساياھەتتە مال سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى باشقۇرۇش، ساياھەت يېتەكچىلىرىنى باشقۇرۇش، مەنزىرىگاھلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى، ساياھەت جەمئىيەتلىرى ئىسلاھاتى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدىن ئىبارەت يەتتە تەرەپكە چېتىلىدۇ، جەمئىي 22 ماددا. بۇنىڭ ئىچىدە، بەلگىلىمىدە ساياھەت نۇقتىلىرىدا مال سېتىۋېلىشنى بىكار قىلىش، «نامۇۋاپىق ئەرزان ساياھەت» مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش، سېتىش، يۈرۈشتۈرۈشكە قاتتىق زەربە بېرىش ھەمدە يەرلىكتىكى ئاساسلىق مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ساياھەت بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا قاراتمىلىق تەدبىر چىقىرىلدى. ھازىر «ھەقسىز ئۆمەكلەر» تىجارىتى توختىتىلدى، ساياھەتتە بەلگىلەنگەن مال سېتىۋېلىش سورۇنلىرىمۇ تاقالدى، ئەمما ساياھەت كەسپىدىكى ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېڭى تەدبىر سۈر پەيدا قىلغان بولسىمۇ، تەرتىپكە سېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر