باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت» ئىسلاھاتى سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرىلىدۇ

2017.03.22 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە قويۇپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەدە تېزدىن بۇرۇلۇش ياساش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بازار ھاياتى كۈچىنى قوزغىتىش، ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا ئېنىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت » ئىسلاھاتى سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.

  تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تور ئارقىلىق «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت» ئىسلاھاتى توغرىسىدا ماس قەدەمدە پىكىر ئالىدىكەن. «ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش»نىڭ ئېنىق بولغان بولمىغانلىقى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ چىرىكلەشمەكچى بولغان، ۋاسىتىچىلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق يىغىش، «غەلىتە ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك يېپ ئۇچىنى يىغىدىكەن. جەمئىيەتتىكى ئامما ئېلخەت ياكى جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىغا كىرىپ، «مېنىڭ تەكشۈرۈشكە پىكىرىم بار» سەھىپىسىدە سۆز قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر