باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى يىل نۇتقىدا قارشى مۇقام توۋلاندى

ھامىنىيى روھانىينى چاندۇرماي تەنقىد قىلدى

2017.03.22 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-مارت ئىراننىڭ «نورۇز» بايرىمى ھەمدە ئىراننىڭ يېڭى يىلىنىڭ 1-كۈنى. ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىيى ۋە زۇڭتۇڭى روھانىي شۇ كۈنى ئايرىم-ئايرىم يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. لېكىن ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغىنى، ئىككى كىشىنىڭ تەبرىك سۆزى پۈتۈنلەي ئوخشىمىدى. ھامىنىيى ھازىرقى ھۆكۈمەت يولغا قويغان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى كۈچلۈك بولمىدى، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدى، دەپ ئەيىبلىدى. روھانىي بولسا ئىقتىسادىي مۇۋەپپىقىيەتلەرنى ئالقىشلاپ، ئۆتكەن بىر يىلنى يېقىنقى 25 يىلدىن بۇيان ئىراننىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل، دەپ جار سالدى.

  ھامىنىيى ئالدىن سۈرەتكە ئېلىۋېلىنغان سىندا: ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى مال باھاسىنى ئۇچقاندەك ئۆرلىتىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋەتتى ھەمدە ئىجتىمائىي ئادىلسىزلىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى، «نامراتلارنىڭ ئازابلىرىنى مەن چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن»، دېدى.

  ھامىنىيى: تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتنى «ئىقتىسادنى بايقۇت قىلىش» يېڭى ئەندىزىسىنى قوزغاشقا چاقىردى، دېدى. «ئىقتىسادنى بايقۇت قىلىش» دېگەنلىك ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش، ئۆز دۆلىتىنىڭ كەسپىنى قوغداش، سىرتقا تايىنىشنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ.

  روھانىيمۇ شۇ كۈنى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا يېڭى يىل نۇتقى سۆزلەپ، ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى ماختىدى. ئۇ: «بىزنىڭ بۇلتۇر پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمەت ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز يېقىنقى 25 يىلدىن بۇيانقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر