باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، نەننىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى يۈ يۈەنخۇينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

2017.03.22 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيا-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 21-مارت ئوچۇق سوت ئېچىپ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، نەننىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى يۈ يۈەنخۇينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى. شياڭشى تۇجيا- مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار يۈ يۈەنخۇي ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى.

  خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيا–مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2006-يىلىدىن 2015-يىلغىچە، جاۋابكار يۈ يۈەنخۇي ئىلگىرى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، نەننىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ياكى ھوقۇقى، مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ قۇرۇلۇش يېرىنى ھۆددىگە ئېلىشى، ئېچىش قۇرۇلۇشى تۈرى، يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش پۇلىنى قايتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا پايدا يەتكۈزۈپ، بىۋاسىتە ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 9 مىليون 11 مىڭ 891.3 يۈەنگە يەتكەن.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، جاۋابكار يۈ يۈەنخۇي ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش ئېلىپ باردى، ئەيىبلىگۈچى-ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، يۈ يۈەنخۇي يەنە ئەڭ ئاخىرىدا پىكىر بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يۈ يۈەنخۇينىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئاممىدىن بولۇپ 90دىن ئارتۇق ئادەم سوتقا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئەڭ ئاخىرىدا سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر