زۇڭلى لى كېچياڭ 17-مارت چۈشتىن كېيىن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىر تۈرلۈك يېڭى ۋەزىپە قوشتى: مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، ئالاقىدار پەنلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىملىرىنى تەشكىللەپ، تۈتەك شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھۇجۇم قىلىش كېرەك.
زۇڭلى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىر ئاكادېمىكى، ئۇلارنىڭ ئون نەچچە يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، جۇڭگونىڭ شىمالىدا قىشتا تۈتەك پەيدا بولۇشىنىڭ دۇنيا بويىچە ئالاھىدە ھادىسە ئىكەنلىكى، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق يېقىلغۇ كۆمۈر، قالدۇق گاز ۋە چاڭ-توزان قاتارلىقلاردىن باشقا، تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە باشقا ئامىللارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ خىزمەت «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا كىرگۈزۈلمىدى، لېكىن مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇنىڭغا ۋەدە بەردىم. بۈگۈن تارماق ھالقىپ پەنلەر ئالىملىرىنى ئۆتكەلگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللەپ، بۇ ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىپ، تۈتەك يوقىتىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنى بېكىتىمىز.
ئىككى كۈن ئىلگىرى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، لى كېچياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: دۆلەت مەخسۇس فوند تەسىس قىلىپ، چىقىم قىلىشتىن باش تارتماي ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالاقىدار پەن ئالىملىرىنى ئۆتكەلگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللەپ، تۈتۈن شەكىللىنىشنىڭ نامەلۇم ئامىللىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تېپىپ چىقىپ، تۈتەكنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزەيدۇ. 17-مارت ئېچىلغان دائىمىي يىغىندا، ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تۈتەك تەتقىقاتى ھازىر ئاساسلىقى 1-قېتىم قويۇپ بېرىش مەنبەسىنى تەكشۈرەلەيدۇ، 2-قېتىم قويۇپ بېرىشنىڭ بەزى مېخانىزملىرى تېخى تەتقىق قىلىپ ئېنىقلانمىدى. مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، تۈتەكنىڭ 2-قېتىم شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئېنىقلاش ئىلمىي تۈزۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى تۈتەكنى كۆزىتىدىغان بىر نەچچە خىل ئۇسۇلىمىز «مىكرو تەۋرىتىپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۇسۇلى» ياكى «β نۇر ئۇسۇلى» بىلەن «تۈتەك»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ پەرقلەندۈرەلمەيۋاتىمىز. تۈتەكنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە تەركىبىنى تېخى تولۇق ئېنىقلاپ بولالمىدۇق، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. مەيلى ئاتموسفېرا ياكى تۇپراقنى تەتقىق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئالاقىدار پەن كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، پەن ھالقىپ ئۆتكەلگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھۇجۇم قىلىپ، ھەقىقىي «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى» قىلىپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ كۆك ئاسمانغا ئىگە قىلىمىز!
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈتەك خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى زور، ئۇ ھازىر «خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاغرىقى»غا ئايلىنىپ، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە بولۇپ قالدى. شۇڭا بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چوڭ كۆلەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك كۆزىتىش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىپ، تۈتەكنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرىنى تېپىپ چىقىپ، خەلققە جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن، گوۋۇيۈەن مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، بۇ تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەل ھۇجۇمى قىلىشنى بېكىتىمىز. ئىككى بومبا ۋە سۈنئىي ھەمراھنىمۇ تەتقىق قىلىپ چىقتۇق، خەلقنىڭ زور ئارزۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ قىيىن مەسىلىنى چوقۇم ھەل قىلىشىمىز كېرەك! تەننەرخ بىلەن ھېسابلاشماي، قانچىلىك پۇل كەتسە مەيلى. تەتقىق قىلىپ ئېنىقلاپ چىققاندىلا ئاندىن «كېسەلگە قاراپ دورا بەرگىلى» بولىدۇ!
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى