باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى مېترو 4-لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2017.03.20 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-مارت، ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا قار ئۇچقۇنداۋاتاتتى، خۇاڭشەن كوچىسىنىڭ غەربى تەرىپىدىكى كۆك رەڭلىك چوڭ قاشانىڭ ئىچىدىكى قېزىش ماشىنىسى بىر دۆۋە توپا-لاينى كۆتۈرۈپ ئېلىشى بىلەن تەڭ، شەھەرنىڭ غەربىدىكى تېخى قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرغان بۇ جاي شەھەرنىڭ مېترو قۇرۇلۇشى تېررىتورىيەسىگە رەسمىي كىردى. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى رېلىسلىق قاتناش (مېترو) 4-لىنىيەسىنىڭ بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

  مېترو 4-لىنىيەسى بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچىنىڭ شەرق-غەرب قاتنىشىنى تۇتاشتۇرىدىغان تايانچ مېترو لىنىيەسى. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 20.88 كېلومېتىر بولۇپ، 16 بېكەت تەسىس قىلىنىدۇ، قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 16 مىليارد 787 مىليون يۈەن بولۇپ، 2021- يىلى قاتناش باشلاش پىلانلاندى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېترو قۇرۇلۇشى داۋامىدا، شەھىرىمىزنىڭ بەزى يول بۆلەكلىرىدە قاتناش قولايسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر