باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى

2017.03.20 16:57   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-مارت «خەلق» سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تىللېرسون بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە. مەن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن تېلېفون ۋە خەت ئالاقىسى ئارقىلىق ئىزچىل پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتىمەن. ئىككىمىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تامامەن ياخشى ھەمشېرىكلەردىن بولالايدۇ، دەپ قارايمىز. بىز ئىككىلا تەرەپكە ئەڭ پايدىلىق ئۆلچەمدە چىڭ تۇرساقلا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرا يۆنىلىشكە ئىگە بولالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ مەن بىلەن زۇڭتۇڭ ترامپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە روھقا ئاساسەن يۇقىرى قاتلام ۋە ھەرقايسى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىنى، ئىككى تەرەپ، رايون، دۇنيا قاتلىمىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىنى، نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ ۋە تىزگىنلەپ ئالدىنى ئېلىشىنى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ساغلام، مۇقىم ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تارىخقا ۋە ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش روھى ئاساسىدا ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئىختىلاپتىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ھەمكارلىشىش ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بىردىنبىر توغرا تاللاش ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە كەلگۈسى نەزەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن قاراش كېرەك، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىر-بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئومۇمىيلىقنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەت خەلقىنى دوستانە بېرىش-كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە بېرىپ-كېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىت…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا قېلىش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل % 50تىن …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى «بىر يۈەن پۇل» قىيىنچىلىقى بارلارغا يا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017- يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ «دۆلەت سىزىقى»نى ئېلان قىلدى
    ·12مىليون950  مىڭ نەپەر يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 87 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئاس…
    ·2017-يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، تولۇقسىز  ئوتتۇرا سىنى…
    ·ۋەكىل ۋۇ جېڭشيەن: ئائىلە تەربىيەسى دەرسى ئالىي مەكتەپ زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلسە
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مائار…