باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى باشلىنىپ كەتتى

2017.03.22 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھار پەسىلى دەل دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش بولىدىغان پەسىل. يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 20-مارتتىكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ يىللىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىملىق ئىچىدە ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە شال، كۆممە قوناق قاتارلىق ئاشلىق سورتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىم بولغان، كۆممە قوناق تېرىلغۇ كۆلىمى داۋاملىق ئازايغان.

  جايلار ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەلا سورتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، يەم-خەشەك تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش يولى بويىچە تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتا كەينى-كەينىدىن ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شال، بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىملىقنى ساقلاش بىلەن بىرگە، ئورغاقسىمان رايون قاتارلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولمىغان رايونلاردا كۆممە قوناق تېرىلغۇ كۆلىمى داۋاملىق ئون مىليون مو ئازايتىلدى، دادۇر، قارا ئاشلىق، ياڭيۇ ۋە ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەك قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى ئاشتى.

  تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنىڭ يەنىمۇ سەرخىللىشىشى يېشىل ئالا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئاشقانلىقىدا گەۋدىلەندى. بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك شال تېرىش مۇددىئاسىدىكى تېرىلغۇ يەر 3 مىليون 600 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتتى، ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىليون مودىن، يۇقىرى ئاقسىللىق دادۇر تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىليون مودىن ئاشتى.

  ھازىر شىمالدا كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ ئېتىزلىرى كۆكىرىشكە باشلىدى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى رايونىدىكى قىچىلار چېچەكلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى جەنۇبتىن شىمالغىچە يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىگە كىردى. يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرىچە بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 410مىليون موغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلى بىلەن تەڭ دېگۈدەك بولىدىكەن.

  جايلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلدى، تېزدىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. شەرقىي شىمال رايونلار تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئەتىيازلىق ھۆلچىلىككە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ۋاقتىدا ئوبدان ئىشلىدى. غەربى شىمال رايونلار ئەتىيازلىق سولياۋ يوپۇق يېپىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ نەملىككە كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تېرىلغۇ ئىشلىرىغا تەييارلىق كۆرمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر