باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەپ قار يېغىشى تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق ئەمەس

بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭغا باھار «كېچىكىپ كەلدى»

2017.03.20 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى، باھار مەلىكىسى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئەتىيازنىڭ يېشىللىقىنى ئاتا قىلغاندا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى يەنىلا ئاپئاق قار بىلەن چۈمكەلدى، كۆپ قىسىم ئادەملەر بۇنى بەلكىم تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق، دەپ ئويلاپ قالدى.

  مەركەزنىڭ كىلىمات باھالاش باش تەھلىلچىسى شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق ئەمەس، چۈنكى بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭنىڭ باھار پەسلى تېخى كەلمىدى.

  نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان قىش پەسلىنىڭ كىلىمات باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. 2016- يىلى 12-ئايدىن 2017-يىلى 2-ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 6.2 سېلسىيە گىرادۇس بولغان، بۇ، 1961-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئىللىق قىش ئىكەن.

  بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى، قار يېغىش ئەھۋالى 22-مارتقىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن بۇ يىلقى باش ئەتىياز ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  ئالاقىدار ئورۇنلار شۇنى ئەسكەرتىدۇ: باش ئەتىيازنىڭ كېچىكىپ كېلىشى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى تۇيۇقسىز تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتىن كۆپلىگەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۈششۈپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر