خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە، كىشىلەر كوچىلاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، قىرغىزىستاندا ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى.
نورۇز بايرىمى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم بايراملارنىڭ بىرى بولۇپ، باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە يېڭى بىر يىلنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2009-يىلى، نورۇز بايرىمى ب د ت مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى