باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مالىيەدىن 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى غەملىدى

2017.03.22 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، جايلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كۆپ قاتلاملىق، تېخىمۇ كۆپ ھالەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ ئاجرىتىلىش سۈرئىتىنى پائال تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىدىن 1 مىليارد 810 مىليون 280 مىڭ يۈەن غەملىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 1 مىليارد 274 مىليون 780 مىڭ يۈەن، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 535 مىليون 500 مىڭ يۈەن بار ئىكەن.

  نۆۋەتتە، ھەر قايسى جايلارغا ياردەم قىلىنغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى 1 مىليارد 770 مىليون 280 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغىنى 1 مىليارد 274 مىليون 780 مىڭ يۈەن، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغىنى 495 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئىكەن، مەبلەغنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈش نىسبىتى %98 كە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر