باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: پاكلىق خىسلىتىنى ساقلاپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.03.22 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 21-مارت 5-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، ما كەي، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى گو شېڭكۈن، ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى جاۋ خۇڭجۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى چەكلەپ، پۇل باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. لېكىن بەزى جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قاتتىق تەلەپ قويماي، جايىدا نەقلەشتۈرمىدى، قىسمەن ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىلىرى پات-پات يۈز بېرىپ، ئاز ساندىكى كادىرلاردا چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى، چوقۇم تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پاك بولۇش سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ خىسلىتى، تىرىشچان بولۇش مەمۇرلارنىڭ بۇرچى. ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تىكلەپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى بەجانىدىل ئادا قىلىپ، دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر