باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2- ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن 2077 سى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2017.03.22 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017- يىلى 2- ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن 2077سى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 3028 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 2057 كىشىگە پارتىيە، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

  تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە ياردەم پۇلى، تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، 465 كە يەتكەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات بېرىش، قوبۇل قىلىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش، ئىشلىتىش، 438 ۋە 398 كە يەتكەن.

  2- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە، 2017- يىلىدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن 4855 سى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 7103 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 5046 كىشىگە پارتىيە، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

  مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېىت 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 139 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 102 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر