خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرى گاۋ لىن (ئوتتۇرىدا) ۋە سەپداشلىرى مەشىق ئۈستىدە. شۇ كۈنى، جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى چاڭشا خېلۇڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە يامغۇرغا قارىماي مەشىق قىلىپ، 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان 2018- يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 12 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدىكى ئۆز مەيدانىدا كورىيە كوماندىسى بىلەن چۈشىدىغان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى