باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى جۇڭگو تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىگە قاتناشتى

2017.03.20 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىغىنى 19-مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەت رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ فورماتسىيەسى تېخىمۇ ئالىي، ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ ئەلا، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان باسقۇچقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى-كونا ئېنېرگىيەنىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ چىقىرىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»تا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلارنى تىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە بازار ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاش كېرەك. «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر