باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سەككىز دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرىنىڭ دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

2017.03.22 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20- مارت خەلق سارىيىدا سەككىز دۆلەتنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرىنىڭ دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.

  ئېلىمىزدە تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ سەككىز باش ئەلچى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خېزېۋىي، ئىراقنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېل ۋاللى، يامايكىنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كىۋېيجى، تانزانىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كايلۇك، سلوۋاكىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بېللا، فىلىپپىننىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رومانا، تايلاندنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلىيا، كانادانىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىككالام.

  شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئېلىمىزگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇلارغا ئۆز دۆلىتى رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە ئۆزىنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقى، ھەر قايسى باش ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىدە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان دوستانە باردى-كەلدىسىنى مەمنۇنىيەت ئىچىدە ئەسلەپ ئۆتتى، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى رولىغا ئىجابىي باھا بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر