باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاق ساراي سەككىز كۈن ئىچىدە باشقىلارنىڭ ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى

2017.03.20 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەزىپە خادىملىرى شۇ جاي ۋاقتى 18- مارت ئاق ساراينىڭ رېشاتكىدىن ئارتىلىپ كىرگەن بىر كىشىنى قولغا ئالدى. شۇ چاغدا ترامپ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى داچىسىدا ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن.

  ئاق ساراي باياناتچىسى Twitter تورىدا ماقالە ئەۋەتىپ ئالاھىدە ۋەزىپە خادىملىرىنىڭ تېز ئىنكاس قىلغانلىقىنى ماختىدى.

  سەككىز كۈن بۇرۇن، ئاق ساراينىڭ رېشاتكىسىدىن ئارتىلىپ كىرگەن بىر كىشى، ئاق ساراينىڭ ھويلىسىدا 17 مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن تۇتۇلۇپ قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى بېسىپ كىرگۈچى پەقەت ئاق ساراي سىرتىدىكى ئاتالمىش «ۋېلىسىپىت جازىسى»دىن ئارتىلىپ كىرگەندىن كېيىنلا نەچچە ئون قوراللىق مۇھاپىزەتچى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

  نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارىنىڭ مەقسىتى ئېنىق ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر