باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 10 ئۆلكە بىلەن «باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش»نى ئەمەلگە ئاشۇردى

2017.03.22 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خېبىي، يۈننەن قاتارلىق 10 ئۆلكە بىلەن «باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرتۇتاش پىلانلاش رايونىنىڭ ھەممىسىنى ئومۇميۈزلۈك دۆلەتلىك ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش سىستېمىسىغا ئۇلىغان ئاز ساندىكى بىر قانچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىزمىتىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭدى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشقا بولىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون 27گە يەتكەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۆۋەتتە گۇاڭدوڭ، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، خېبىي، خەينەن، سەنشى، شەنشى، نىڭشيادىن ئىبارەت ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن ئۆز ئارا قوش يۆنىلىشلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشنى باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىستېمىسىنى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر