باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئۇلار جۇڭگو–سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى

2017.03.17 17:13   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت «خەلق» سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن بۇلتۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، پادىشاھ سالمان بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلار تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال. جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن كۈچ ۋە شارائىتقا ئىگە. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىياتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىزچىل قوللايدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «2030 ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىشەنچلىك، مۇقىم نېفىت ئېكسپورت بازىرى. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ساھەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، خەۋەرلىشىش، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، پەن-تېخنىكا، ساياھەتچىلىك، ئاخبارات ۋە خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا قېلىش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل % 50تىن …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى «بىر يۈەن پۇل» قىيىنچىلىقى بارلارغا يا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017- يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ «دۆلەت سىزىقى»نى ئېلان قىلدى
    ·12مىليون950  مىڭ نەپەر يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 87 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئاس…
    ·2017-يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، تولۇقسىز  ئوتتۇرا سىنى…
    ·ۋەكىل ۋۇ جېڭشيەن: ئائىلە تەربىيەسى دەرسى ئالىي مەكتەپ زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلسە
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مائار…
    ·ۋەكىللەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇنىنىڭ تېزدىن تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى توغرىسىدا …