باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى باش ۋەزىرگە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» تەرتىپىنى رەسمىي يولغا قويۇش ھوقۇقىنى بەردى

2017.03.17 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلىزابېتⅡ 16-مارت «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» قانۇن لايىھەسى ئىمزالاپ، باش ۋەزىر ترىسسا مېيغا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» تەرتىپىنى رەسمىي يولغا قويۇش ھوقۇقىنى بەردى. ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى جون بۇك شۇ كۈنى پارلامېنتتا بۇ خەۋەرنى جاكارلىدى. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باش ۋەزىر ئايال پادىشاھ ھوقۇق بەرگەندىن كېيىنلا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» تەرتىپىنى رەسمىي يولغا قويۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سۆھبىتىى باشلايدۇ.

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ترىسسا مېي 3-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» تەرتىپىنى يولغا قويىدىكەن.

  ئەنگلىيە پارلامېنتى 13-مارت بېلەت تاشلاپ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» نى رەسمىي يولغا قويۇش قانۇن تەرتىپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنى بويىچە، ئەنگلىيە «لىسبون شەرتنامىسى» نىڭ 50-ماددىسى، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» تەرتىپىنى يولغا قويسا، ئەنگلىيە 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا 27 دۆلەت بىلەن بولغان سۆھبىتىنى تاماملىشى؛ سۆھبەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ماقۇللىقىنى ئېلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر