باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىدۇ

2017.03.20 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تۇنجى قېتىم پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ خىزمەتچى خادىملىرى قوبۇل قىلماقچى، تىزىملىتىش تور ئادرېسى www.beijing2022.cn. بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىشتا 21 خىزمەت ئورنىغا 22 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلماقچى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 خىزمەت ئورنىغا 11 نەپەر خىزمەتچى خادىم تەكلىپ قىلىشنى دۇنياغا يۈزلەندۈردى. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى، مەيدان باشقۇرۇش، بازار ئېچىش، تاراتقۇلار، مالىيە، قانۇن ۋە چەت ئەل تىلى قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بولسا، 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق تەييارلىق ۋە ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدىغان ئاپپارات ھىسابلىنىدۇ. ھازىر ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتتىن توققۇزى، ئىككى مەشغۇلات مەركىزى ۋە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خادىملىرىدىن 170 نەپەر بار.

  بۇنىڭدىن كېيىن تەييارلىق خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەييارلىق قوشۇنىغا بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن، خەلقئارالاشتۇرۇلغان، سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بولغان ۋە كەسپىي ساپاسى بار ئىختىساسلىقلارنى داۋاملىق تەكلىپ قىلماقچى. كەڭ جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى يىغىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى مەخسۇس ئىختىساسلىقلار زاپاس ساقلاش ئامبىرى قۇردى، ۋاقتىنچە مۇۋاپىق ئىش ئورنى يوق ئىمتىھان بەرگۈچى خادىملار ۋە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىسمى ئاۋۋال ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ئارقىلىق، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوقۇش تارىخى، كەسپى ۋە كەچۈرمىشلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھالاپ تەھلىل قىلىپ، كەلگۈسىدە تەسىس قىلىنغان بۆلۈم ۋە خىزمەت ئورنىغا ئاساسەن ماسلاشتۇرۇش دەرىجىسى تاللاشنى ئېلىپ بارىدۇ، تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارغا، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى يۆنىلىشلىك ئەۋەتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى خىزمەتچى خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىغا ئاساسەن، ئەلالىلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر