باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كوماندىسى 103 كە قارشى 111 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى شاللاپ، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى

2017.03.20 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-مارت، ( 2017- ، 2016- ) يىللىق CBA يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 5-مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا مېھمان بولۇپ، قارشى تەرەپ مەيدانىدا مۇسابىقىلەشتى. ئادامىس ۋە جۇ چىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىپادىسىگە تايىنىپ، 103 كە قارشى 111 نومۇر بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئومۇمىي نەتىجىنى 4:1 قىلدى ۋە لياۋنىڭ كوماندىسىنى شاللىۋەتتى. شىنجاڭ كوماندىسى CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

  31-مارت، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى ئايلانمىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ، شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان كوماندا بولۇپ، ئۆز مەيدانىدا گۇڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە تۆت مەيدان ئۇتۇش مۇسابىقە شەكلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقە مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى 1-1-1-2-2 بولىدۇ، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىدىكى نەتىجە ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، ئاۋۋال ساھىبخان مەيدان سالاھىيىتى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر