باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

پوسكام ناھىيەسى مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچىدى

2017.03.20 15:28   مەنبە: خەلق تورى

پوسكام ناھىيەسى مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاساسىي تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە ناھىيەلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى، ناھىيە ۋە يېزا-بازارلاردا قۇرۇلغان ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى مىكرو كارخانىلار ۋە تۈرلۈك كەسپىي ھەمكارلىق كۆپىراتىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، يېزا-بازارلاردىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى تۈركۈم، باسقۇچقا بولۇپ ئاپتوموبىل، تىراكتور رېمونتچىلىقى، ئاپتوموبىل، تىراكتور شوپۇرلىقى، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئوي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك، گىلەمچىلىك، ھۆسن تۈزەش، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇقچىلىقى، قورۇما تەييارلاش، توكچىلىق، كەپشەرچىلىك، تامچىلىق، ئوي بېزەكچىلىكى، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى، كومپيۇتېر، ئۇچۇر-ئالاقە، تور سودىسى قاتارلىق 20 نەچچە خىل كەسىپ تۈرلىرى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە «يېشىل چىراغ » يېقىپ بەردى ھەمدە رايون ئىچى ۋە سىرتىدا 300 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 4000 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىش ئورنىغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  سۈرەتتە: 19-مارت، كۈيباغ يېزىسىدىكى خانىم -قىزلار ياستۇق كەنتىدە قۇرۇلغان «مېھرىبان»لار تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كۆپىراتىپىدا تىككۈچىلىكنى ئۆگەنمەكتە

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تور


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىت…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا قېلىش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل % 50تىن …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى «بىر يۈەن پۇل» قىيىنچىلىقى بارلارغا يا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017- يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ «دۆلەت سىزىقى»نى ئېلان قىلدى
    ·12مىليون950  مىڭ نەپەر يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 87 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئاس…
    ·2017-يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، تولۇقسىز  ئوتتۇرا سىنى…
    ·ۋەكىل ۋۇ جېڭشيەن: ئائىلە تەربىيەسى دەرسى ئالىي مەكتەپ زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلسە
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مائار…