خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۇنيا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى فرانسىس گۇررى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
15-كۈنى جەنۋەدىكى دۆلەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى فرانسىس گۇررى: «جۇڭگونىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى. خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماس قىلىش جەھەتتە، بىر يىل ئىچىدە جۇڭگودىن كەلگەن ئىلتىماس %44 ئاشتى»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى