باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

يىغىنغا چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.03.20 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى قىزغىن كۈتۈۋېلىنىۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە ئېچىلغان كاتتا يىغىن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى تەرەققىيات، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئۇلۇغۋار ئىشلار، ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش، ئۇلۇغۋار كۈرەشلەردە يېڭى ئۇلۇغۋار غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىن مەزگىلىدە ئالدىراش بولسىمۇ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئېنىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى تەدبىرلىرىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، ئۇنىڭ سۆزى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى بولۇپ، بىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى، غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ۋە ھەر مىللەت كادىر، ئامما باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچىدىن، يادرونى تەۋرەنمەي قەتئىي قوغداش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، گەرچە شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب رىشتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر زىچ باغلاپ، زىچ تۇتاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە كەم - كۈتىسىز ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، باش نىشان ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە ئاساسەن شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا چىقارغان ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، كەم - كۈتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش نىشاننى باشتىن - ئاخىر يېتەكچى، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى ئىشنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشقا قارىتىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇزاق مەزگىل كۈرەش قىلىش، دائىملاشقان مۇقىملىقنى قوغداش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتنى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، «ئالتىنى ياخشى تۇتۇش»، «بەشنى باشقۇرۇش»، «تۆتتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىق شايكىلىرىغا ۋە تېررورچى، زوراۋانلارغا دەل جايىدا زەربە بېرىش، تارمار قىلىش خاراكتېرىدە زەربە بېرىش، ئەجەللىك زەربە بېرىش كېرەك. شەھەر، يېزىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېزگىنلەش تورىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر مىنۇتتىن - ئۈچ مىنۇتقىچە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش چەمبىرىكى ھاسىل قىلىش كېرەك. ئەمەلىي جەڭنى كۆزلەپ، ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشىقنى كۈچەيتىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، 1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 - كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ زورايتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىچكى، تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، «مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان، ئېنېرگىيەنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىدىغان، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تېزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىشنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاشنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىش، چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي مەيدانى قىلىش، سىياسەت، مەبلەغ، تۈرلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇش، ئون چوڭ مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرلىرىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ساقچى بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، دىنىي ساھەدىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداش، ئىناق مەسچىت بەرپا قىلىش، ئىلغار ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن بولۇش ۋە باھالاشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي يېتىشتۈرۈش ۋە قوغداش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا قارىتىلغان ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، دىنلار ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  سەككىزىنچىدىن، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىسلاھاتنى كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك نۇقتىسىدىن تونۇشى، قوللىشى ۋە قاتنىشىشى كېرەك، بىڭتۈەن پارتكومى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، لايىھەلەرنى بىرمۇ بىر ئىنچىكىلەشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پائال سالماق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق بىڭتۈەن تۈزۈلمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مۇقىملىقنى ۋە چېگرانى قوغداشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلىق، چوڭ پىچلىق، ئۈلگىلىك رايونلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقانلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر