باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىجتىمائىي ساھەلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى پىكرى» نى بېسىپ تارقاتتى

2017.03.17 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىجتىمائىي ساھەلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ساھەلىرى ئۈزلۈكسىز گۈللىنىۋاتىدۇ، مەبلەغ ئومۇمىي مىقتارى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، بىراق كىرگۈزۈشنى كېڭەيتىش ئۈزۈل-كېسىل بولماسلىق، يۆلەش سىياسىتى دەل جايىدا بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. داۋالاش، كۈتۈنۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ساھەلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، سۈپەت ۋە سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي ساھەلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، مەبلەغنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈملۈك تەمىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى كۆزلەش كېرەك. ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرۈش، پايدا ئالىدىغان ۋە پايدا ئالمايدىغانلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى يۆنىلىشى قاتارلىق پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «پىكىر» دە بەش جەھەتتىكى 37 تۈرلۈك كونكرېت سىياسەت، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر