باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى

نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە ساختىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ

2017.03.17 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى نامراتلارنى «قۇتۇلدۇرىدىغان پۇل» بولۇپ، بىر تىيىن، بىر سىنتنىمۇ قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ساختىلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى 16-مارت يىغىن ئېچىپ، مالىيە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بىرلىشىپ مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. تەكشۈرۈش «يۇقىرى-تۆۋەن تەڭ ھەرىكەتكە كېلىش» شەكلىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جايلاردا تۇرۇشلۇق مەخسۇس ئىشخانىلىرى ۋە يەرلىك مالىيە، نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى ماسلىشىپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ ۋە يولغا قويىدۇ.

  بۇ قېتىم ئاساسلىقى: 2015-ۋە 2016-يىللىق مەركەز مالىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى ۋە مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارېيە پاراۋانلىق فوندى ئارقىلىق نامرات كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى يۆلەش-ئېچىش مەخسۇس مەبلىغى تەكشۈرۈلىدۇ. مەبلەغ ئىشلىتىش-باشقۇرۇشنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى، قېلىپلاشتۇرۇلىشى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ، بۇ: مەبلەغ تەقسىملەش ۋە ئاجرىتىش، تۈرلەرنى بېكىتىشنىڭ سىياسەت ۋە تەرتىپكە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛ مەبلەغ ئىشلىتىشتە يۆتكەپ ئىشلىتىش، بېسىپ قويۇش، تۇتۇپ قېلىش، خىيانەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇتمۇ-يوق؛ تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىشتا مالىيە مەبلىغىدە ساختىپەزلىك قىلىش، قاقتى-سوقتى قىىلش ۋە ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى بارمۇ-يوق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش دائىرىسى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ۋەزىپىسى بار 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسى ئېغىرراق بولغان ئوتتۇرا غەربىي رايوندىكى 22 ئۆلكىنىڭ قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلىرى ۋە دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر