- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لياۋ جۈنبو خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى
ئىلگىرى مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى، دەپ نام بېرىلگەن ئىدى
2017.03.20 16:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 19-مارتتىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 18-مارت كەچقۇرۇن، نەنپىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى يولداش لياۋ جۈنبو يېزىغا چۈشۈش سەپىرىدە قاتناش ھادىسىسىگە يولۇقۇپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان.
لياۋ جۈنبو، 1968-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. 2015- يىلى 6-ئايدا، لياۋ جۈنبو مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى شەرەپلىك نامىغا ئېرىشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر