باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«جۇڭگو ــــ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ساياھەت ھەمكارلىق يىلى» مانىلادا داغدۇغىلىق باشلاندى

لى كېچياڭ بىلەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې تەبرىك سۆزى قىلدى

2017.03.17 17:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق «جۇڭگو ــــ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ساياھەت ھەمكارلىق يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 16-مارت فىلىپپىننىڭ مانىلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى يا تاغ-دەريالار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ يا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇق، قېرىنداش، دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون ھەمكارلىقىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى قوللايدۇ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، چۈشىنىش، ئىشىنىش ۋە قوللاشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ يېقىن بولغان جۇڭگو ــــ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، رايون شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ساياھەت ھەمكارلىقى جۇڭگونىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئۇ ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى كەسىپ، ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى چوڭ ساياھەتچىلەر مەنبەسى بولۇپ قالدى. شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دوستلار بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدا، «جۇڭگو ــــ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ساياھەت ھەمكارلىق يىلى»نى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ــــ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپەت، دەرىجىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر