باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

2017.03.17 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر راۋاجلاندى. بىز گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۇنيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە ھەم دۇنياۋىلىشىشنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسى ۋە تۈزۈلمىسىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى، نوپۇزىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. بىز گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق ۋە تەڭ نەپ ئېلىش توغرىسىدىكى ئىجابىي سىگنالنى سىرتقا تارقىتىشنى خالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر