باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات خەۋەرلىرى خىزمىتىگە قاتناشقان ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى

2017.03.17 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 14-مارت چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرى خىزمىتىگە قاتناشقان مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى يوقلاپ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىگە ۋاكالىتەن خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرى خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل، يىغىننىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرىنى تەشكىللەش كۈچلۈك، ئاساسىي تېما روشەن، يۆنىلىش ئېنىق، مەزمۇنى مول، يارقىن نۇقتىسى كۆپ بولۇپ، ماختاشقا ئەرزىيدۇ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، جاڭ دېجياڭ «خەلق» سارىيىغا تەسىس قىلىنغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى يىغىن ئاخبارات خەۋەرلىرى مەركىزىگە كىرىپ مۇخبىر، مۇھەررىرلەر ۋە تېخنىكلارنى يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن ھال سورىدى. جاڭ دېجياڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈزگەن 3D مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم «قەلبىمدىكى تەشۋىش»، شىنخۇا تورىنىڭ ئىككى يىغىن تاراتقۇ مەخسۇس تېمىلىق خەۋىرى، چەتئەل ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ ۋىدىئوسىنى كۆردى، ئىككى يىغىن خەۋىرىنى بېرىشكە تۇنجى قېتىم قاتناشقان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرىدىن ھال سورىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان AR مەھسۇلاتى «ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىققۇچىدىن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگىچە—سەي چۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى» نى كۆرگەندىن كېيىن، جاڭ دېجياڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالىدا ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنى قوللىدى. ئارقىدىن جاڭ دېجياڭ «خەلق گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «نۇر گېزىتى»، «ئىقتىساد گېزىتى»، «جۇڭگو گېزىتى»، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، «قانۇنچىلىق گېزىتى»، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر