خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تەمىنلىگەن سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەن 18-مارت سەھەردە، شىخەي سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، يېڭى تىپتىكى يۇقىرى قۇۋۋەتلىك راكېتاغا يەردە ئوت ئالدۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بارغان. چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن (ئوڭدىن بىرىنچى) نەق مەيداندا تەجرىبىگە يېتەكچىلىك قىلغان.
چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 19-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن يېقىندا يېڭى تىپتىكى يۇقىرى قۇۋۋەتلىك راكېتاغا يەردە ئوت ئالدۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بارغان، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن تەجرىبە نەتىجىسىگە رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى