خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) 3- ئاينىڭ 19- كۈنى، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر «يېڭىشەھەر نورۇز مەشرىپى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مەسئۇللىرى، كورلا شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازارلىرىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، يېڭىشەھەر يېزىلىق ساقچىخانا ۋەكىللىرى، بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە كورلا شەھىرىدىن يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلار ۋە يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى مائارىپنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، مائارىپنى قوللىغۇچى ئىلغار شەخسلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن نوۋرۇز شادلىقىغا چۆمۈپ خۇشال-خۇرام ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىغاچ نەۋرۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى. پائالىيەت داۋامىدا، يېڭىشەھەر مەركىزىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆسن خەت، ماي بۇياق، ھەيكەلتىراشلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، جۇڭگوچە رەسىم ۋە فوتو سۈرەت بولۇپ 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر كۆرگەزمىگە قويۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تور