باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

پايتەختتە نورۇز بەزمىسى قاينىدى

2017.03.20 16:23   مەنبە: خەلق تورى

پايتەختتە نورۇز بەزمىسى قاينىدى

  سۈرەتتە: 3- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىلىق پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. (ئەھەتجان ئابلىز فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 19- كۈنى، پايتەخت بېيجىڭدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا جەم بولۇپ، نورۇز بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  پائالىيەتكە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا يەنە پايتەختتىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلار، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى، كارخانىچىلار قاتناشتى.

  پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن، مەكتەپ رەھبەرلىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلدى. ئارقىدىن بېيجىڭدىكى مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار نەتىجىسى ئىلغار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقاتتى. كۆپچىلىك بىرلىكتە ساما سالغاندىن كېيىن، ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. پايتەختتىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، بېيجىڭدىكى مۇزىكا ئەترەتلىرى تەييارلىغان نومۇرلىرىنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلدى. ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىر مەيدان مەشرەپ ئارقىلىق، پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق نورۇز پائالىيىتى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆتكۈزگەن 31- نۆۋەتلىك نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بولۇپ، پائالىيەت مەزمۇننىڭ موللۇقى، نومۇرلارنىڭ سەرخىللىقى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىستۇدېنتلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىت…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا قېلىش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل % 50تىن …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونۇم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى «بىر يۈەن پۇل» قىيىنچىلىقى بارلارغا يا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017- يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ «دۆلەت سىزىقى»نى ئېلان قىلدى
    ·12مىليون950  مىڭ نەپەر يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 87 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئاس…
    ·2017-يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، تولۇقسىز  ئوتتۇرا سىنى…
    ·ۋەكىل ۋۇ جېڭشيەن: ئائىلە تەربىيەسى دەرسى ئالىي مەكتەپ زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلسە
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مائار…