خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەسى سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن قۇربان سايىم خەۋىرى) 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، باي ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ قاراباغ يېزىسى كەپتەرخانا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن جياڭسۇ «چى يۆ» چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكىلەر كەپتەرخانا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ئوقۇشتا ياخشى، پەزىلەتلىك بەش ئوقۇغۇچىغا 400 يۈەندىن «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» مۇكاپاتى بەرگەندىن باشقا، ئوقۇش قوراللىرى قاچىلانغان 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 140 يۈرۈش سومكىنى مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تور