باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى

شىنجاڭلىق ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى سىمالىرى

2017.03.17 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئاپتونوم رايونىمىز ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالار خەلقنىڭ رايى ۋە ئىرادىسىنى ئېلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭەشتى. ھەر بىر ئېغىز جاراڭلىق ۋە كۈچلۈك گەپ-سۆزلەر، ھەر بىر كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان نىشان بۇ باھاردىكى ئەڭ كۈچلۈك مىلودىيەگە ئايلاندى.

  قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ۋەكىل ۋە ئەزالارنىڭ كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەخش ئەتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىچكى جەھەتتىن ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، سىرتقى جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش زۆرۈر.باھارنىڭ كۈچى ھازىرلانماقتا، گۈزەل نىشان ئاستا-ئاستا ئورۇندىلىپ، شانلىق كەلگۈسى بىزنىڭ يېزىپ چىقىشىمىزنى ساقلىماقتا!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر