باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە پىئونېرلار ئەترىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلدى

2017.03.20 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «جۇڭگو ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى»، «ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىسلاھات لايىھەسى»، «پىئونېرلار ئەترىتى ئىسلاھات لايىھەسى» رەسمىي بېسىپ تارقىتىلىپ، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە پىئونېرلار ئەترىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسىي نىشانى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ئىز باسارلىرى بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، مىليونلىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىشلىرى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئىزچىل ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۆز ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ياشلارنى پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللىشى ۋە سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك؛ پىئونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىليونلىغان ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش يولىدا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە پىئونېرلار ئەترىتى ئىسلاھاتى خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە پىئونېرلار ئەترىتى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسى ئىشخانىسى يىغىنىدا ئالاقىدار ئىسلاھات لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات خىزمىتى ئىشخانىسى كونكرېت يېتەكچىلىك قىلدى ھەم باھالىدى.

  «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى ئىسلاھات لايىھەسى» دە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت بۇ جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي دەۋر باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بىردەكلىك ۋە كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەزالارنىڭ ئۆلچىمىنى چىڭىتىش، ئەزالارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى، بىرلەشمە ئەزالىرى ۋە ئەزالارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ياشلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ تۆھپە قوشۇش سالمىقىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر