باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ بىرلىشىپ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 1 مىليون 300 مىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ

2017.03.20 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «4-نۆۋەتلىك قىسمەن چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈرگەنلەرنى بىرلىشىپ تەكلىپ قىلىش ئەتىيازلىق مەخسۇس پائالىيىتى» نى قانات يايدۇردى، بۇ پائالىيەت 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىپ، «شەھەرلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش، دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ خىزمەت ئىزدىشى، كەسىپ تاللىشى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىشىنى قولاي، توغرا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر 140 ئۆلكە، شەھەرنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى بۇ پائالىيەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتناشقان، تور ئارقىلىق بىرلىشىپ تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇن قاتنىشىپ، 1 مىليون 300 مىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئالاقە تورى، ئېلېكترونلۇق سودا، سودا ئىمپورت-ئېكسپورت، تور ئويۇنلىرى، كومپيۇتېر، ئالاقە، تاراتقۇ، نەشرىيات، مەدەنىيەت، تارقىتىش قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەرگە چېتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر يەنە 600 مەيدان نەق مەيداندا قوبۇل قىلىش يىغىنى ئاچىدىكەن، پائالىيەتنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، يەنە نۇرغۇن ئورۇن ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئاپپاراتلار بۇ پائالىيەتكە بەس-بەستە قاتنىشىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر